ئەللەي بالام

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

تاغدىن چىنار ئەچۇشۇپ، بۆشۈكىنى رۇسلاڭلار. قۇلۇنجانىنى ئۆلتۈرۈپ، شۇمىكىنى رۇسلاڭلار. ئەللەي بالام، ئەللەي! مېنىڭ بالام بىرگىنە، قىزىل ئالما، گۈلگىنە. مىنگەن ئېتى تايگىنە، ئاسماندىكى ئايگىنە. ئەللەي بالام، ئەللەي! چېكىدىن تەر ئاققۇزۇپ، بېقىپ كەلگەن ئاتىسى، بىر كېچىدە مىڭ قوپۇپ، ئاق سۈت بەرگەن ئانىسى. ئەللەي بالام، ئەللەي! ئېگىز تاغنىڭ بېشىدا، چېدىر تىككەن بوۋىسى. ئاق شۇڭقارنىڭ يۇڭىنى پىلىك سوزغان مومىسى. ئەللەي بالام، ئەللەي! باغدا بادام پىشىپتۇ، تۈۋىگە توك - توك چۈشۈپتۇ. مېنىڭ بالام بۆشۈكتە تولۇن ئايدەك يېتىپتۇ. ئەللەي بالام، ئەللەي! تاغدا قۇلان تېرىسى، قېيىش بولۇر، كۆن بولماس. ياخشى ئاتا بالىسى، غېرىب بولۇر، قۇل بولماس. ئەللەي بالام، ئەللەي!