چۆچۈرە قاينايدۇ

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

بالىلار ئوينايدۇ، ئۆيگە كىرمەيدۇ. چۆچۈرە قاينايدۇ، ئانىسى بەرمەيدۇ. — بەرمىسە بەرمىسۇن، ساڭغا كىرمىسۇن. كىرسىمۇ كىرسۇن، كۆرۈپ قالمىسۇن. كۆك خالتىدا تاش، ئاق خالتىدا ماش. تېرىپ ئالايلى، يانچۇقۇڭنى ئاچ. ئوتقا كۆمگەندە، بولىدۇ كۆمەچ. ئېتىلسا، تېرىپ چاينايمىز گاچ - گاچ. تويىدۇ قورساق، ئوينايمىز ئاداش.