يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
— داد پادىشاھىم، داد، — نېمە ئۈچۈن داد؟ — ئۆيۈمگە ئوغرى كىرىپتۇ، — ئوغرىنى تۇتۇڭلار! — داد پادىشاھىم، داد، — نېمە ئۈچۈن داد؟ — ئوغرىنى تۇتتۇق. — ئۈچ تۈرلۈك جازا بېرىلسۇن: بىرىنچىسى، چىلان يېدۈرمەك جازاسى بېرىلسۇن؛ ئىككىنچىسى، پاختەك ئۇچۇرماق جازاسى بېرىلسۇن؛ ئۈچىنچى، بۇرنى بىلەن يەتتە غېرىچ يەرنى سىزىش جازاسى بېرىلسۇن.