رامىزان ئېيتىش

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

تۈڭلۈكۈڭنىڭ بېشىدا ئاي كۆرۈنەر. ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر. ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدا قوينىڭ ئىزى. ناننى جۈپلەپ بېرىدۇ باينىڭ قىزى. رامىزان ئېيتىپ كەلدۇق ئىشىك تۈۋىڭگە. قوچقاردەك بالا بەرسۇن بۆشۈكۈڭگە.