يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
ئارقامدا موزاي مۆرەيدۇ، ئوت سەپ بەرسەم يېمەيدۇ. يە ئۆزىنىڭ خىلى يوق، سۆزلەيدىغان تىلى يوق. ماڭا قاراپ تەلمۈردى، ئاڭا ئىچىم ئاغرىدى. چېلەك سېلىپ مۈرەمگە، يۈگۈرۈپ باردىم ئۆستەڭگە. سۇ ئەپكەلدىم بىر چېلەك، ئۇنى ئىچىپ تويمىدى. يەنە ئەپكەلدىم بىر چېلەك، ئىچتى، قاندى ياش يۈرەك. ئوتنى سالدىم قايتىدىن، موزاي يېدى باشقىدىن. قاراپ تۇردۇم بىر ھازا، تويۇۋالدى ئۇ تازا.