تۆگە - تۆگىلەك

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

— قاتار - قاتار تۆگىلەر، نەگە - نەگە ماڭدىڭلار؟ — تۈزغا قاراپ ماڭدۇق بىز، ئۈستىمىزگە قاراڭلار. — تۈزۈڭ نەگە تۆكۈلدى؟ — ئارا يولغا تۆكۈلدى. — تاسقاپ - تاسقاپ ئالساڭچۇ، تاغىرىڭغا سالساڭچۇ؟! — تاغىرىمدا تۆشۈك بار، ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار.