يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
— ئاق تېرەك، كۆك تېرەك، بىزدىن سىزگە كىم كېرەك؟ — باتۇر - باتۇر قىز كېرەك. — باتۇر قىزنىڭ ئىسمى كىم؟ — ئىسمى ئۇنىڭ مەلىكەم. — كۈچۈڭ يەتسە ئال كېلىپ، — سېپىمىزنى سەن يېرىپ. — چۈرۈق بىلەن ئۇرىمىز، — كەمپۈت بىلەن ئالدايمىز. — ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمايمىز، كۈچۈڭلارنى سىنايمىز. — ئاق تېرەك، كۆك تېرەك، بىزدىن سىزگە كىم كېرەك؟ — داۋانلاردىن ئېشىشقا، جەسۇر ئوغلان، قىز كېرەك.