يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
— ھاشىماخۇن قارىقاش، بەش پۇلۇمنى بەر ئاداش. بەش پۇلۇمنى بەرمىسەڭ، شەرىئەتكە يۈر ئاداش. — شەرىئەتتە نېمە بار؟ — ئاخۇن بىلەن قازى بار. — ئۇلار بىزنى نېمە قىلار؟ — سوراپ ياخشى خوپ قىلار. — شەرىئەتكە بارمايمەن، قازىنىمۇ كۆرمەيمەن. ياخشى بولساق بولامدۇق، بىللە ئويناپ كەلمەمدۇق. بەر قولۇڭنى بىز ياخشى، ھەر ئىككىمىز تەڭ ياخشى. بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسكەن، بەرىمىزگە تەڭ ياخشى.