يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
قار ياغدى لەپ - لەپ، توشقان كەلدى سەكرەپ. تۇتۇۋالدۇق ئەپلەپ، ئوينايلى دەپ مەشرەپ. ئوينىمىدى توشقان، قويدى بىزنى يەكلەپ. قويۇۋەتتۇق دالاغا، قاچتى دىك - دىك سەكرەپ.