تاققا - تۇققا

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

تاققا - تۇققا، زەنجىر ھالقا. پاقا دەرەخكە چىقىپتۇ، قۇيرۇقى شاخقا. قارا قوي قېنى؟ قېچىپتۇ تاغقا. تاغقا باقسام، خەۋىرى باغدا، يۈگۈرۈپ بارسام، يۈرۈپتۇ سايدا. قوينى تاپالماي، ھاشىماخۇنكام قاپتۇ داغدا.