چاققانجان

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

تۇتۇلۇپ قالدى كۆچۈرۈپ، ئىمتىھاندا چاققانجان. ساۋاقداشلار ئالدىدا ئىززىتىنى ساتقانجان. كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنمەي ھەر تەرەپكە چاپقانجان. ئىمتىھاندا ئۆتەلمەي غەم - قايغۇغا پاتقانجان. ھە دېسىلا پو ئېتىپ، قۇرۇق گەپنى ساتقانجان. كۈننى بىكار ئۆتكۈزۈپ، «قالدۇق» بولۇپ قالغانجان. تاشلار ناچار ئىللەتنى، ئۆگىنىشكە ئاتلانجان. ئەلا ئوقۇپ مەكتەپتە دىلدىن كۈلۈپ شادلانجان.