يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
— باغقا كىردىڭمۇ؟ — كىردىم. — ئالما يېدىڭمۇ؟ — يېدىم. — گۈلنى ئۈزدۈڭمۇ؟ — ئۈزدۈم. — بوغۇن چاقتىمۇ؟ — چاقتى. — نەرىڭنى؟ — شىللەمنى، شىلدىر - شىلدىر - شىلدىر.