يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
يولدىن قامچا تېپىۋالدىم، قامچىنى ئۇستىغا بەردىم. ئۇستا ماڭا پىچاق بەردى، پىچاقنى قاسساپقا بەردىم. قاسساپ ماڭا گۆش بەردى، گۆشنى دېھقانغا بەردىم. دېھقان ماڭا دان بەردى، داننى توخۇغا بەردىم، توخۇ ماڭا تۇخۇم تۇغۇپ بەردى، ئېقىنى ئاقلاپ يېدىم، سېقىنى ساقلاپ يېدىم.