جىرىم سالدىم قاتارا

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

جىرىم سالدىم قاتارا، ئۆچكە كېلىپ غاجارا. ھاسام بىلەن بىرنى سالسام، تىكاڭ - تىكاڭ قاچارا. تەخسىدە كاۋاپ، يېسىلە ساۋاب. ئاپام مېنى باقىدۇ قويىنغا سولاپ. بىزنىڭ تامنىڭ ئارقىسى، بوستانلىق تېرەك. چاتىۋېتىڭ شېخىنى، قالاشقا كېرەك.