خەت كەلدى

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

تىكىلاڭ - تىكىلاڭ ئات كەلدى، ئات كەينىدىن خەت كەلدى. خەتنى ئوقۇپ ئولتۇرسام، مۇنداق يېڭى گەپ كەلدى: ئاتنى سېلىڭ ئوغلاققا، دىققەت قىلىڭ موللاققا، تارتىۋېلىپ ئوغلاقنى، ساپساق بېرىڭ پەللىگە، چاۋاك - چاۋاك چالىلى، كۆڭۈلدىن خۇش بوپ قالىلى، سىز قازانغان غەلىبىگە.