بىر قولۇم

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

بىر قولۇم، بىر - بىر قولۇم، ئاغرىيدۇ، سارغىيىدۇ، ھەربىر قولۇم. — تۇتتۇم قولۇڭنى، ئەمدى يۈرگىنە! — ۋاي نەگە؟ — ئورما ئورۇغان يەرگە! — نېمە قىلىمىز؟ — مەن ئورۇيمەن، سەن باغلايسەن.