كىچىككىنە قورچاق

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

كىچىككىنە قورچاق، كۆزلىرى مونچاق. يولۇمنى توستى، قولۇمنى كەستى. — ھۇيت، ئايىم — نەگە بارىسەن؟ — تاغقا بارىمەن! — تاغدا نېمە بار؟ — قوي - قوزا بار. — قوي كىمنىڭ؟ — قوي باينىڭ، تاغ باينىڭ، تاغ باي، تاغ باي!