مەمەجان

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

غىغۇ مەمەجان، مەمەجاننىڭ نېمىسى بار؟ ئالتۇن پۆپەش ئاتالغان كىچىككىنە قىزى بار. قىز قولىدا قورچاق، ئېسىۋالغان مونچاق. تەتە قىلىپ ماڭىدۇ دورىغىنى تايچاق.