دۇم - دۇم - دۇم

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

— دۇم - دۇم - دۇم — لەۋەي، لەۋەي. — ئاناڭ نەدە؟ — ئەسكى سامانلىقتا. — نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ — ئاش ئېتىۋاتىدۇ. — ماڭا قويمىدىمۇ؟ — قاغا چوقۇلاپ كەتتى. — ماڭ، قاغىنى تېپىپ كەل!