يامغۇر ياغ

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

ھەي بۇلۇتلار، بۇلۇتلار، يامغۇر ئېلىپ كېلىڭلار. بۇغداي ۋە قوناق تەردۇق، سۇغا قاندۇرۇپ كېتىڭلار. كېچىچە ياغ، ياغ يامغۇر، كۆكلەپ ئۆسسۇن چۆنەك - چۆنەك — سەۋزە، پىياز ھەم چامغۇر. پېلەك تارتسۇن قوغۇن، تاۋۇز — چىلگە بىلەن تەرخەمەك.