يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
— ئوغلۇمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ — ئالما تېرىۋاتىدۇ. — ئالمىسى بار، ئۆزى يوق؟ — سۇغا چۆمۈلۈۋاتىدۇ. — كىيىمى بار، ئۆزى يوق؟ — ئۈزۈم ئۈزۈۋاتىدۇ. — سېۋىتى بار، ئۆزى يوق؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئۇنى نەدىن تاپارمەن؟ — «تۆ - تۆ» قىلىپ دان چېچىڭ، ئانا بولۇپ قىچقىرىڭ. چىقار مۆككەن تۆشۈكتىن، چۈشەر ياتقان بۆشۈكتىن.