تۇمۇچا

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

زەيتۇنەمنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئالۇچا. ئالۇچىنىڭ ئۇچىدا بىر جۈپ تۇمۇچا. تۇمۇچىنىڭ پۇتلىرى بوغۇم - بوغۇمچا. ئالۇچىنى لىڭشىتسام، قاياققا ئۇچا؟ * تۇمۇچا — تۇمۇچۇق