ئاپتاپ چىق

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

ئاپتاپ چىق، كونا چاپاننى سۆرەپ چىق. ئاپتاپ چىق، يوغان توپتەك ئۆرلەپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئاسمىنىڭنى ياماپ چىق. ئاپتاپ چىق، ئايخىنىڭنى قاماپ چىق. ئاپتاپ چىق، يۇلتۇزۇڭنى ساناپ چىق. ئاپتاپ چىق، بىز بىلەن بىللە ئويناپ چىق.