ئوينايدىغان بالا بارمۇ

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريادىكى سۈزۈك تاش. ماڭا كېرەك كۆپ ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ بولساق ئاكا - ئىنىدەك، بولۇر ئويۇن ئويۇندەك. ئۇرۇشمايلى چۈجىدەك، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئادىشىڭنىڭ بىرى مەن، ئوينايدىغان بالىمەن. كۆپ ئويۇننى بىلىمەن، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟