قۇشۇم بار

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

— زەينەپ، زەينەپ، زەينىپىم، سەن قاياققا بارىسەن؟ — ئالتايغا بارىمەن. — ئالتايدا نېمەڭ بار؟ — ئۇچىدىغان قۇشۇم بار. — ئۇچتى، ئۇچتى، قۇش ئۇچتى. ئىككى بالا سوقۇشتى. — بىز ئېيتايلى ئۇلارغا، سوقۇشمىسۇن يىغىلىشىپ. دوست بولۇپ ئۆتسۇن بالىلار، ئۇچقان قۇشقا قارىشىپ.