قاپاق

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

ئېرىق بويىغا چىقسام، ئاچمىغان قاپاق چىقتى. قاپاقنى ئېچىپ باقسام، ئومايخان ئاپئاق چىقتى. بىر كېسىپ ئېغىز ئاچتىم، يېنىمغا قاپاق ئاستىم. سۇنى ئېلىپ ئىچىگە، ھويلامغا بېرىپ چاچتىم. ھويلام مېنىڭ ھۆل بولدى، ئوماي خانقىز گۈل بولدى.