يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)
مەن ئۆزۈم بىر قارلىغاچ، قاناتلىرىم ئالىماچ. تەندە مادارىم بولغاچ، دائىم ئوقۇيمەن دۇرۇت. گۈلىستانغا بېرىۋىدىم، قۇم شېكەرنى يېۋىدىم. مەن بۇ يەرگە كېلىۋىدىم، قوڭغۇز بىلەن قۇرت. ئۆزۈم كىچىك بىر قۇشمەن، كېچىلىرى بىھوشمەن. ئادەمىزاتقا تونۇشمەن، ماكانىمدۇر تام، تورۇس.