ھە دېگەنگە ھە بېرەي

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

ھە دېگەنگە ھە بېرەي، يەتتە كۈنلۈك يەر بېرەي. ھە دېگەنگە ھەر دەڭگە، توققۇزئاتار بەردەڭگە. توققۇزئاتار مىلتىقتا، ئوق ئاتىمەن دۈشمەنگە. ھە دېگەنگە ھە بېرەي، يەتتە پۇللۇق نان بېرەي. تويمىغانغا دان بېرەي، كۆرپە سېلىپ، چاي بېرەي، خالىتىسىغا ئۇن بېرەي.