بۆدۈنەم

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

ئۆزى ئوماق بۆدۈنەم، دۈمبىسى ياغاق بۆدۈنەم. قۇرغۇي ئاكام كەلدى دېسەم، دالدىغا مۆككەن بۆدۈنەم. قۇرغۇي ئاكام كەتتى دېسەم، ۋىتۋىلاق ئەتكەن بۆدۈنەم.