دىكى - دىكى توشقان

يازغۇچى: خەلق قوشىقى · مەنبە: دىكى - دىكى توشقان (سەرخىل بالىلار قوشاقلىرى)

— دىكى - دىكى توشقان، نەگە - نەگە بارىسەن؟ — مەھەللىمىزنىڭ بېشىغا — سېپىر ئاكام قېشىغا. — سېپىر ئاكام نېمە بېرىدۇ؟ — ئۆچكە سېغىپ سۈت بېرىدۇ. — ئۆچكىسىنىڭ سۈتى يوق، سوغىسىنىڭ تۈۋى يوق. كىردىم يەڭگەم قېشىغا، يەڭگەم ئېتى قاقىرا، ئاش ئېتىپتۇ قاپقارا. ماڭا بەردى بىر قوشۇق، ئۆزى ئىچتى بىر چارە. بىر قوشۇققا تويمىدىم، ئۆپچۆرەمنى قويمىدىم. ئۆز ئۆۋامنى ئويلىدىم، چاتقاللىقتا ئوينىدىم.